ىر جۈپ قىز-يىگىت بار بولۇپ، ئۇلار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا توي قىلغان ئىكەن. تويدىن كېيىن ئۇلار ناھايىتى بەختلىك ئۆتۈپتۇ.
بۇ قىزنىڭ بىر دوستى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېرى بەكمۇ باي ئىكەن. ئۇلار بىللە بازارغا چىققاندا دوستى دائىم قىممەت باھالىق ماللارنى، ئۇ بولسا، ئەلۋەتتە، ئەرزان باھالىق ماللارنى سېتىۋالىدىكەن، ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى خېجىل بولىدىكەن.
بىر كۈنى ئۇ ناھايىتى ئاچچىقلانغان ھالدا ئۆيىگە قايتىپتۇ. يىگىت مېھرىبانلىق بىلەن ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسا، ئۇ ئېرىگە قاراپ چالۋاقاپتۇ:
ــ سىز نېمىدېگەن بولۇمسىز-ھە! تاپقان پۇلىڭىز ھەتتا مېنىڭ كىيىم-كېچىكىمگىمۇ يەتمەيدۇ!
يىگىت سۈكۈتكە چۆمۈپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن قىز كەچۈرۈم سوراپتۇ. بۇنداق ئىش بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىنىپتۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يىگىت قىزغا ئۆزىنىڭ ياپونىيىدىن بىر خىزمەت تاپقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەتىلا يولغا چىقىدىغانلىقىنى، مۇئاشىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، ئۇنىڭغا ھەر ئايدا پۇل ئەۋەتىپ تۇرالايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن ئۆيگە قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. قىز يىغلاپتۇ، يىگىتنى تۇتۇپ قالماقچى بولۇپتۇ، بىراق ئۇنىڭ كۆپ پۇل تاپالايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپتۇ.